باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2016.03.29 15:26   مەنبە: خەلق تورى

كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن پوسكام ناھىيەسىدىكى 16 يېزا، بازار، 140 نەچچە كەنتكە چۈشكەن «ئۈچ ئەل خىزمىتى» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يېزا، كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان ئاممىۋى مەدەنىيەت سەھنىسى ۋە كەنت دېھقانلار شادلىق سەھنىسى قاتارلىق ئاممىغا مەدەنىيەت يەتكۈزۈش سۇپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېمىسىدىكى نورۇز بايرىمىلىق ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

  ئىگىلىنىشچە، بۇيىل 1-ئايدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە يېزا، بازار، كەنتلەردىكى مەدەنىيەت سەھنىسى ۋە كەنت دېھقانلار شادلىقى سەھنىلىرىدە 300 مەيدان (قېتىم) دىن ئارتۇق تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيە لېكسىيە پائالىيىتى ھەم ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

  سۈرەتتە: 29-مارت، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىدىن كۈيباغ يېزىسىنىڭ سايئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار دېھقانلارغا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…