باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسىدە مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىۋاسىتە پروفېسسور سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولدى

2016.03.30 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 29-مارت ئېچىلغان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش ئىسلاھاتى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان ياكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تارىخى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان يىل چېكى، ئۇنۋانى، چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر قوللىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، بىۋاسىتە پروفېسسور سالاھىيىتىگە باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  يېقىندا، يېڭىدىن مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن « گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىي ۋەزىپە بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى باھالاش شەرتى» چارىسىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تەتقىقات تۈرىدە بىۋاسىتە رىياسەتچى بولۇپ تاماملىغان پەن-تېخنىكا نەتىجىسى يېڭى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىنكى كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن ھەم ياراتقان پايدا ۋە بېجى 2 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، ياكى تۇنجى تەتقىقاتىدا تېخنىكا يېڭىلاش، ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئومۇمىي كىرىم 50 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان، يەنە ياراتقان پايدا ۋە بېجى 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان؛ ياكى ئۆزى مۇستەقىل ياكى بىرىنچى بولۇپ تاماملىغان تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەندە ياراتقان كەشپىياتى دۆلەتلىك 1- ياكى 2- دەرىجىلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسا، بىۋاسىتە پىروفېسسور سالاھىيىتىنى باھالاشقا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۆز بويامچىلىق قىلغۇچىغا بولغان جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ خىل ئەھۋال بايقالسا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە باھالاشقا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن. سالاھىيەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن ھەم بەش يىل ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر