باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.29 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 28-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پراگا رانى قورۇسىدا چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن كۆرۈشتى. چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە، شى جىنپىڭ زېماننىڭ خىلۋەت يېزىدىكى رانى قورۇسىغا بارغاندا زېمان قىزغىن كۈتىۋالدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرگە ئاساسىي بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى بالكونغا چىقىپ، قورۇنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، رانى قورۇسىدىكى چىملىقلار تېخىمۇ كۆكەرگەن ئىدى. ئارقىدىنلا ئىككى دۆلەت رەھبىرى قورۇدا بىللە سەيلە قىلغاچ پاراڭلىشىپ، ئەمدىلا ياساپ يېپيېڭى قىلىۋېتىلگەن ئەينەكلىك ئۆينى كۆزدىن كەچۈردى.

  زېمان شى جىنپىڭنىڭ چېخقا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، مەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلىتىگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چېخقا زىيارەتكە كېلىشى. جۇڭگو ۋە چېخنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقى قەلبداش، دوستلۇق رىشتى ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ قېتىمقى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئارقىلىق، سىز بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  قەدىمىي نەپىس رانى قورۇسى ئاجايىپ جىمجىت ئىدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر