- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇنجى شەرقىي ياۋروپا تائام مەدەنىيەت ئۆتىڭى ئۈرۈمچىدە ماكانلاشتى
2016.03.29 13:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت، تۇنجى يىپەك يولى شەرقىي ياۋروپا تائام مەدەنىيىتى ئۆتىڭى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى. كىشىلەر شىنجاڭدىن چىقماي تۇرۇپلا گرۇزىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپا ئەنئەنىۋى تائاملىرى ۋە ئۈزۈم ھارىقىغا ئېغىز تېگەلەيدىغان بولدى.
شۇ كۈنى، يېڭىدىن ئېچىلغان شەرقىي ياۋروپا ئاشخانىسىدا، گرۇزىيەدىن كەلگەن داڭلىق ئاشپەز مۇسىيا نەق مەيداندا مېھمانلارغا گرۇزىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى ئېتىپ بەردى. ئۆزگىچە تاماق ئېتىش ئۇسۇلى مىھمانلارنى جەلىپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر