باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چېخنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى تەقەززالىق ئىچىدە كۈتتى

2016.03.29 13:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-مارت، رەئىس شى جىنپىڭ چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا چېخنىڭ پايتەختى پراگادا قارشى ئېلىش كەيپىياتى قويۇق بولدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار لەپىلدەيتتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى سىرتىدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا ئەستايىدىل تەييارلىق رىپىتىسى قىلىۋاتاتتى. چېختا ھۆكۈمەتتىن ئەلئارىسىغىچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتمەكتە ئىدى.

  زۇڭتۇڭ زېماننىڭ شەخسىي قورۇقى رانى قورغىنى قورىقىنىڭ 300 يىلدىن كۆپرەك تارىخى بار. مۇخبىر قورۇققا يېقىن يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھويلىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلدى. ئايال خوجايىن پاتىلا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېختا زىيارەتتە بولۇشىدىن ناھايىتى ئىپتىخارلاندۇق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆيىمىزدە مېھمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ جايدا چىقىدىغان خەنزۇچە گېزىت «پىراگا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ليۇ دوڭخۈي مۇنداق دېدى: چېخنىڭ چەتئەل رەھبىرىنى بۇنداق كاتتا ھەم قىزغىن كۈتۈۋېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش، بۇ جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ياۋروپادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ياشلار باش بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ لىڭجيەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېختا زىيارەتتە بولىدىغىنىنى ئاڭلاپ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار تولىمۇ خۇشال بولدۇق. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆپچىلىك رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى جىددىي رەپىتىس قىلدى. چېخ-جۇڭگو ئىقتىساد سودا مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى رۇجياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېختا زىيارەتتە بولۇشى بۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى ناھايىتى ئىپتىخارلاندۇردى، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئورنىمىزبىراقلا ئۆسۈپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر