باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

2016.03.29 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 28-مارت «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2015-يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى يىللىق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ بۇلتۇرقى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇردى ھەم شۇ تارماقنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشى، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مالىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئېنىق بەلگىلەندى.

  «دوكلات» تا مۇنداق دېيىلدى: «ئالىي مەكتەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىشلىرى تىزىملىكى» نى يولغا قويۇشنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «تىزىملىك» تەلىپى بويىچە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتمەي، تولۇق ئاشكارىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ تىزىملىكنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېڭىلاش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچىنچى تەرەپ باھالاشنىڭ ئاكتىپ رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر