باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسلام ئەللىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى

2016.03.29 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى تەشكىللىگەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي ئىتتىپاقى 27-مارت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتتا تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كەلگۈسىدە ئىتتىپاق قانات يايدۇرىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد يىغىندىن كېيىنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق ھەربىي ئىشلار، ئىدىيە، مەبلەغ ۋە تەشۋىقاتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە ئىسلام دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىدۇ. ئىتتىپاق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامە رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ، شۇ دۆلەت تەلەپ قىلمىغۇچە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ.

  ئەخمەد مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق رىيادتا ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇشنى بېكىتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇنىڭغا ئورۇن ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر