خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، پراگا شەھەر ئەتراپىدىكى رانى قورۇسىنىڭ چىملىقلىرى تېخىمۇ كۆكەرگەن ئىدى.چېخقا دۆلەت ئىشلىرى زىارىتىگە ئەمدىلا كەلگەن شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن مېھمان بولدى، زۇڭتۇڭ زېماننىڭ قورۇسى تۇنجى چەتئەل رەھبىرىنى كۈتىۋالدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى قورۇنىڭ چىملىقىغا بىر تۈپ ئاق ئۆرۈك كۆچىتىنى تىكىپ سۇغاردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو-چېخ ئىككى دۆلەت بۇ دوستلۇق دەرىخىنى ئورتاق سۇغۇرىدۇ، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى