خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدە گۈل بازارلىرى جانلىنىپ كەتتى، 100 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى قىشتىن بۇيان پارنىكتا ئۆستۈرگەن گۈللىرىنى بازارغا سېلىپ، ھەر مو يەردىكى گۈللەردىن 10 مىڭ يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى