باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى ۋە تارماقلارنى تەشكىللەپ بىرلىشىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

2016.03.29 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكنىڭ دېلوغا چېتىشلىق ۋاكسىنىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، ئەملەش قاتارلىق ھالقىلاردىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىش؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بۇيرۇدى. ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار يېقىندىن ماسلىشىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇردى.

  دېلونىڭ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى. دېلونى تەكشۈرۈشكە يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، ئەملەش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلولىرىنى تارماقلار بىرلىشىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى تەستىقلىدى. ئۇلار ھازىردىن باشلاپ دېلو تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ۋاكسىنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بى جىڭچۈەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خادىم قاتناشتۇردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قارىمىقىدا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تەسىس قىلىندى.

  گوۋۇيۈەن يەنە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تولۇق ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. گۇرۇپپىغا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يولداش دىڭ شياڭياڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، گۇرۇپپا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش نەتىجىسىنى ئۆز ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر