باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش خىزمىتى يىغنىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش بويىچە ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى

ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى

2016.03.29 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 28-مارت 4-قېتىملىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ببيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەملىكەتلىك 18-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، چىرىكلىككە مەنبەدىن قارشى تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى ۋاڭ ياڭ، ما كەي، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇڭجۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تۈزۈم نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر