باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاراگاغا باردى

2016.03.29 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-مارت مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پراگاغا بېرىپ، چېخ جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان چېخ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، چېخنىڭ بۈركۈت، شىر ناملىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قوغدىدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە چېخ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رالېك جائاۋ، زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى مىنار قاتارلىقلار قىزغىن كۈتىۋالدى. شى جىنپىڭ چېخ خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. چېخ جۇڭگونىڭ شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى شېرىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ھەم جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە شەرقىي ياۋروپا دۆلىتىگە تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان 67 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم چېخقا زىيارەتكە كېلىشى. زۇڭتۇڭ زېمان قاتارلىق چېخ رەھبەرلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يولىنى كېڭەيتىشنى، جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چېختىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە ئامېرىكا ۋاشىنگتونغا بېرىپ 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-مارت چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، چېخ جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى زېماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى؛ شى جىىنپىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدىغان 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر