باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى قىزىپ كەتتى

ئىككى كۈندە 250 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى

2016.03.29 13:13   مەنبە: خەلق تورى

توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى قىزىپ كەتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭدا باش باھار. توقسۇندا ئۆرۈك چېچىكى پەسلى» ۋە 4-نۆۋەتلىك توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى پائالىيىتى باشلاندى. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر توقسۇن ناھىيەسىدىكى 40 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئۆرۈكزارلىقتا باھار سەيلىسى قىلغاچ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشتا چېچەك سەيلىسى قىلغىلى كەلگەنلەرنىڭ سانى 246 مىڭ 300 گە يېتىپ، ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى قىزىپ كەتتى.

  بۇ يىل ئۈرۈك چېچىكى بايرام پەسلىدە، توقسۇن ناھىيەسى باغ سەيلىسى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، غەربىي يۇرت سەنئەت نۇمۇرلىرى، «مىڭ كىشىلىك مەشرەپ» خوشاللىقى، سەنئەتكارلار ماھارەت كۆرسىتىش، ناغرا-سوناي مۇزىكىلىرى، «كىچىك ساياھەت يېتەكچىسى»نىڭ مەنزىرە نۇقتىسىنى چۈشەندۈرۈشى ۋە سەنئەت ماھارىتى كۆرستىشى، ئۆرۈك چېچىكى پەرىلىرى ئوبراز ئەلچىسىنىڭ سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىشى،«گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەن سېھرلىك توقسۇن» خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى، توخۇ ۋە قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك ئۆرۈكلۈك باغ ۋە نەشپۈتلۈك باغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، مىللىيچە يېمەك - ئىچمەكلەرنى تېتىش، ئۆزگىچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، كەشتىچىلىك, غەيرىي تاشلار ، توقسۇن سوۋغات بويۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، توقسۇن ناھىيەسى كۆجەي مەنزىرە رايونى قىزىل دەريا جىلغىسى ساياھىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، يەرلىك ئالاھىدە مەدەنىيەت ساياھەت داڭلىق ماركىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…