باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ تەستىقلىغان گوۋۇيۈەننىڭ «مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2016.03.29 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا تەستىقلىغان گوۋۇيۈەننىڭ 667-نومۇرلۇق بۇيرىقى «مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى) ئېلان قىلىندى، 2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» دا مۇنداق بەلگىلەندى: مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى دۆلەت ئىجتىمائىي كاپالەت زاپاس فوندى بولۇپ، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى باشقۇرىدۇ، ئۇ مەركەز مالىيە خامچوتى ۋە دۆلەت كاپىتالىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ، فوند سېلىنما تاپاۋىتى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا شەكىلدە توپلانغان مەبلەغدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ياشانغانلار كۆپىيىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمىنى تولۇقلاش ۋە تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  «نىزام» دا ئېھتىياتچان، مۇقىم، ساغلام، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، فوند باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەردىن ساقلىنىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بەلگىلەندى؛ مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى فوند مەبلىغىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان نىسبەتتە چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا سېلىپ، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مۇقىم تاپاۋەت تۈرى، پاي چېكى تۈرى ۋە بازارغا سېلىنمىغان پاي ھوقۇقى تۈرى قاتارلىق كاپىتالنى مۇۋاپىق تەقسىملىشى؛ خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش ۋە ئىچكى قىسىمدا تىزگىنلەش چارىسىنى بېكىتىشى؛ فوند كاپىتالىنى تەقسىملەش پىلانى، مۇھىم مەبلەغ تۈرىنى بەلگىلەپ، خەۋپ-خەتەرنى مۆلچەرلىشى ھەم كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشى؛ فوند باشقۇرۇش تىجارىتى ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى؛ فوندنى ھاۋالە بىلەن مەبلەغ سالغانلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ھاۋالە بىلەن باشقۇرغۇچى كەسپىي ئاپپاراتلار ئىچىدىن فوند مەبلىغىنى باشقۇرغۇچى، ھاۋالە قىلغۇچىنى تاللىشى ھەم ئۇلارنى باھالىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا «نىزام» دا يەنە مەبلەغ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەبلەغ سېلىشى، باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ فوندنى بىخەتەر ساقلاشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقى ۋە مەنئىي قىلىنغان ھەرىكىتى ئېنىق بەلگىلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر