باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە باشلىقلىرى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشتى

2016.03.29 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى جېڭ خوسوپ 28-مارت چۈشتىن كېيىن دېڭىز ئارمىيە باش ئىشتابىدا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دېڭىز ئۈستى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تاكېئى توموخىسا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ھەربىي ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لاھىيەسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  بۇ كورىيە بىلەن ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئالىي قوماندانلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم رەسمىي سۆھبەتلىشىشى. 2011-يىلى ئىيۇلدا شۇ ۋاقىتتىكى كورېيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى كىم سوڭچان ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. بۇ قېتىم تاكېئى توموخىسا كورىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كورېيەگە زىيارەتكە باردى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش مانىۋېرى قىلىش ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق ھەربىي ھەمكارلىق لاھىيەسى ئۈستىدە كېڭەشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر