خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئىلىغا باھار بالدۇر كېلىپ، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىلەن كۈنەس ناھىيەسى تۈرگېن يېزىسىدىكى 30 مىڭ مو ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈكلۈكتە ئۆرۈك چېچەكلىرى بەس - بەستە ئېچىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تاماشا پەسىلىگە كىردى.كۈنەس ناھىيەسى تۈرگېن يېزىسى مەنزىرە رايونى ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى تۈرگېن يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئېگىز جايغا تەۋە بولۇپ، 218- دۆلەت يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. ئادەتتە ھەر يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا بىر گۈزەل باھار باشلىنىپ تاغدا، يايلاقتا مېۋىلىك دەرەخلەر، ئوت - چۆپلەر ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى