باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن 234 كادىر مەركەز ئورۇنلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى

2016.03.29 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2016-يىللىق غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن ۋەزىپە بىلەن مەركەز ئورۇنلىرىدا چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى. غەربىي رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىدىكى 18 ئۆلكە، رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن مەركەز ئورۇنلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن 234 كادىر تەربىيەلىنىدۇ.

  ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلەشتە، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى، «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىدۇ. كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركەزدىكى 87 دىن ئارتۇق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانىلارغا بىر يىللىق ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ چېنىقتۇرۇلىدۇ.

  مەركەزدىكى ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « ئىككى ئىلىم، بىر ئەمەلىيەت»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە پائال قاتنىشىپ، ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، ياخشى ئوبراز تىكلەشنى تەلەپ قىلدى.بۇ تۈر خىزمىتى 1990 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 8500 دىن ئارتۇق كادىر ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن. بۇ يىلقى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچلۈك كادىرلار ئىختساسلىقلىرى تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر