باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكدىكى 43زۇڭتۇڭ ھەيكىلىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتتى

2016.02.18 13:56   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكدىكى 43زۇڭتۇڭ ھەيكىلىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى كروكىرغا يېقىن بىر يەردە باشلىرى يېرىلىپ كەتكەن نۇرغۇن چوڭ ھەيكەللەرنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ يەر دىۋىلەر ماكانى ئەمەس، بەلكى تارىختىن بۇيانقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ يېرىم چۈشكەن ھەيكەللىرى ئىكەن.

  2004-يىلى، كروكىردا بىر زوڭتوڭ باغچىسى ئېچىلىپ، 43نەپەر زۇڭتۇڭنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەيكىلى قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. بىراق باغچا چۆلدەرەپ قالغان، ئاخىرىدا مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقتىن 2010-يىلى تاقالغان. ئەينى ۋاقىتتا باغچىنى قۇرۇشقا ياردەم قىلغان خوۋارد خانكىن 2012-يىلى بۇ زوڭتوڭ ھەيكەللىرىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي دېھقانچىلىق مەيدانىغا يۆتكەپ كەلگەن.

  بۇ ھەيكەللەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى 20فۇت (تەخمىنەن 6.1مېتىر) كېلىدىكەن، لېكىن ئۇلارنى ئاسراش ياكى كەمچىل ياكى توشۇش جەريانىدا زەخمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ھازىر كۆپىنچە ھەيكەللەر «چىرايى بۇزۇلغان» ياكى «بېشى يېرىلغان» ھالەتتە بۇ يەرنىڭ ۋەھىمىلىك كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  بىراق خانكىن ھامان بىر كۈنى بۇ يېرىم گەۋدىلىك ھەيكەللەرنىڭ قايتا كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى بۇزۇۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئالاقىدار دائىرىلەر بىلەن بۇ ھەيكەللەرگە يېڭى ماكان ئىزدەش ھەققىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى