باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى

2016.03.12 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى « 2016 - يىلللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قويولىدىغان ئاساسىي تەلەپ»نى ئېلان قىلدى، ھەمدە « مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. نۆۋەتتە، 2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرى، ھەر قايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 18-مارتتىن 30-ئاپرېلغىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى «جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى» ( تور ئادرېسى:http://yz.chsi.com.cn، مائارىپ تورىنىڭ تور ئادرېسى: http://yz.chsi.cn)، مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى»نى ئاچتى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىدا تورغا چىقىپ، تەلەپ بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر