باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن بۇ يىل جەمئىيەتتىن 1319 مەمۇر ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.03.29 13:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت، بىڭتۈەن ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2016-يىلى جەمئىيەتتىن 1319 مەمۇر ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرىغا 939 خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي پىلاننىڭ 71.2%نى ئىگىلەيدىكەن؛ دىۋېزىيە (شەھەر) ئورگانلىرىغا 380 خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي پىلاننىڭ 28.8% نى ئىگىلەيدىكەن.

  بىڭتۈەن مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چىڭشەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىڭتۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۈرلۈك ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان « تۆت تۈرلۈك خادىملار»، بىڭتۈەن تاللاپ ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار، شىنجاڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (2016 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق بولمىغان ئوقۇغۇچىلار (2016 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەرنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 30-مارت سائەت 10:00دىن 5- ئاپرېل سائەت 18:00گىچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر