باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋالىبول ماھىرى شيا شىنيى ئاسىيا ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

2016.03.30 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3 – ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاۋسترالىيەدە ئاخىرلاشقان ئاسىيا ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگوغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭ ماھىرى شيا شىنيى بىلەن فۇجيەن ماھىرى شۆ چېن ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، 2 : 0 نەتىجە بىلەن ساھىبخان كوماندىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2014 - يىلى ليۇ يىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاياللار ساھىل ۋالىبولى دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشقان. ليۇ يىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تاللاش مۇسابىقىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاساس يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر