خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم، پاتىگۈل لىتىپ خەۋىرى، فوتوسى: 25-مارت، باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى، بۇلۇڭ، كانچى، ياتۇر، توقسۇن يېزىسى قاتارلىق بەش يېزا-بازاردىن تەخمىنەن 1 مىليون 310 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنىپ ئادەم، ماشىنا ۋە تىراكتورلار سەپەرۋەر قىلىنىپ، ياغاچ-تاش، سىم سېتىۋېلىنىپ، قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي غول ئۆستىڭىگە سۇ باشلاش ئېغىزىغا 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 10 مېتىر كەڭلىكتە، 8 مېتىر ئېگىزلىكتە سۇ دامبىسى ياسىلىپ، 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەلكۈن مۇداپىئە توسمىسى رېمونت قىلىنىپ مۇستەھكەملىنىپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىنىپ، 380 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ئوڭۇشلۇق سۇغىرىلىشىغا ئاساس سېلىندى.
سۈرەتتە: دېھقانلار كەلكۈن مۇداپىئە دامبىسى ياسىماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى