باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى «مۇقام ھېسلىرى» سەنئەت كېچىلىكىگە پۇختا تەييارلىق قىلدى

2016.03.31 19:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى بۇ يىل 5 - ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى ۋە 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى «مۇقام ھېسلىرى» نى تەييارلىدى. يېقىندا بۇ كېچىلىك رېپىتېتسىيە شەكلىدە شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا بەش مەيدان قويۇلدى.

  ئىككى يىلدا تەييارلانغان بۇ سەنئەت كېچىلىكى بەش پەردە بولۇپ، مۇقامنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتى، مۇقام ۋارىسلىرى ئارىسىدىكى ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كېچىلىكتە مىللىي ئوركېستىرنىڭ ئورۇنلىشىدا نەق مەيداندا دولان مۇقامى، قومۇل مۇقامى، تۇرپان مۇقامى، ئىلى مۇقامى قاتارلىق يەرلىك مۇقاملار ئورۇندىلىنىپ، ئون ئىككى مۇقامنىڭ سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىنغان. ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى كېچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا ئاساس سالغان.

  شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سەنئەت يېتەكچىسى ئابلىپىز مەتقاسىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بۇنداق كەڭ دائىرىدە ئاكوردلاشتۇرۇلۇپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىلىنىپ باقمىغان، بۇ قېتىم بىز شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئاكوردلاشتۇردۇق. كېچىلىك سەھنە دېكىراتسىيەسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئارتىسلارنىڭ كىيىمىنىڭ كۆركەم ۋە نەپىسلىكى بىلەن تېخىمۇ جۇلالاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر