باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىدىكى چېكىتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ

2016.03.31 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەتراپىدا ئاز سانلىق مىللەت دوستلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن فامىلىسى ئوتتۇرىسىدا «چېكىت» بار، لېكىن يېزىشنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقى، بىرلىككە كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، كۆپ ھاللاردا كىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلىنى ۋاستە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ كىنىشكىسىدە ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

  29 –مارت، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلى سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، بۇ مەسىلە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچىدە ھەرخىل يېزىلىپ قالىدىغانلىقى، ئىسمى بىلەن فامىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى«چېكىت»نىڭ ئورنىمۇ ھەمىشە بىرلىككە كەلمىگەنلىكىنى، بەزىدە ئوتتۇرىدا، بەزىدە ئاستىدا يېزىلىپ قالىدىغانلىقىنى مىسال كەلتۈردى.

  تۇرسۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: « ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بۇنداق مىسال ناھايىتى كۆپ، شۇنداقلا ئاممىغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق كەلتۈردى.»

  بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، تەڭرىتاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئارافات مەمەتمۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قېيىنچىلىققا يولۇققانلىقىنى ئېيىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر