1900-يىلىدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى
ئامېرىكىدىكى بىر تور بېكەتنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ پارىژدىن كەلگەن جۇلىيان كنېز 1871-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە تارتىلغان قىسمەن سۈرەتلەرنى تاپقان، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى پارىژدا تارتىلغان ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇ ئوخشاش ئورۇن، ئوخشاش نۇقتىدىن بۇ سۈرەتلەرنى قايتىدىن تارتىپ، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇلىياننىڭ سۈرەتلىرى بىزگە ئۆتمۈشنى ئەسلىتىپ، 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى پارىژنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلغان.