باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يوڭ بۇ يىللىق يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېت يىغىنىغا قاتناشتى

2016.03.31 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يوڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى-ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ، يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتىنى ئورنىتىشتا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تېرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سىياسەت ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىشچان، ھەمبەھىرلىنىدىغان خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشى؛ ھالقىلىق تېخنىكىلار، يادرولۇق جابدۇق جەھەتتىكى بىرلەشمە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرغان تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشى؛ ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تەڭ تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپلىق، ئىلغار، ئالاقىدار كەسىپلەرنى قاپلىغان خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئورنىتىشى؛ ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە كۈچەيتىپ، تور ھۇجۇمى قىلمىشىغا زەربە بېرىپ، ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتنىڭ تەڭكەش، سىجىل تەرەققىياتىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر