30-مارت دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى، شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 لەردە شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ باردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۈتۈۋېلىشقا چىقتى. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيمۇ ئايرودرومغا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.