باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەشنىڭ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.03.31 18:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى 29 – مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، دادىل زىممىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە، ۋەزىپىسىنى پىششىق ئادا قىلىش، ئەستايىدىل ئادا قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە دائىر قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتىكى كونكرېت تەلەپلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ پىرىنسىپ. بىز چوقۇم ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پارتكومنىڭ ئومۇمىي خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئورتاق تونۇش ۋە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش؛ مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش؛ خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئىلمىي، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئالتە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى باشتىن – ئاخىر پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسى، ئاساسىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، تەڭ ھەرىكەتلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، باشتىن – ئاخىر مەركەزنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى دىققەتنى نىشان، ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي، ياخشى ئەقىل كۆرسىتىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، باشتىن – ئاخىر قەلبلەرنى ۋە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچىشى، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمىگە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەزمۇنى، تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش سانىنى كۆپەيتىپ، قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ، مېخانىزملاشقان، نورماللاشقان كېڭىشىشكە قاتنشىش سۇپىسىنى ھازىرلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئىش چىققاندا، ئىشقا يولۇققاندا، ئىش قىلغاندا كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، سىياسىي كېڭىشىشنى مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش بىلەن بىرلىكتە يىللىق كېڭىشىش پىلانى تۈزۈپ ھەم پارتكومنىڭ يىللىق خىزمىتىدىكى مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، سىياسىي كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  بەشىنچىدىن، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىگە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تارماقلار، ئورۇنلار خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پىكىر – تەكلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىكىر – تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنى نازارەت قىلىشقا ماھىر بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش داۋامىدا نازارەت قىلىپ، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، ئاقىللىق بىلەن نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشتىن – ئاخىر ئاساسىي ماھارەت قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكى، مەسىلە يېتەكچىلىكى، ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېمىنى ئەستايىدىل تاللاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىشى، راست سۆزلىشى، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشى كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى سەپكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، راست سۆزلەپ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى توغرا تېپىش، سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ئەمەلىي تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ قانۇن، نىزام بويىچە فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن ئىبارەت ‹‹ئىككى قوشۇن››نىڭ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى تېز، ياخشى يەتكۈزۈپ، ياخشى ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››غا چۈشەنچە بەردى.

  نەيىم ياسىن، چې جۈن، جۇ خەيلۇن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيوڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ناھىيە، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر