باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «بۇ يىللىق ئىقتىساد تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىكرى»نى تەستىقلىدى

2016.04.01 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «2016-يىللىق ئىقتىساد تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى تەستىقلىدى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەتەردىن ساقلىنىشنى چۆرىدەپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەمىنات يارىتىش، يېڭى ئېھتىياجنى قويۇۋېتىشقا پايدىلىق تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش؛ مۇھىم تۈرتكىلىك رولغا ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، چىقىرىلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىنى يېتەكلەشكە پايدىلىق تۈزۈلمە مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈش؛ تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى، مەسىلە يېتەكلەش ۋە نىشانغا يېتەكلەش، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى كۆپ تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر