باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى نازارىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ پاراۋانلىق قۇرۇلۇشىغا 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ

2016.03.31 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ پاراۋانلىق قۇرۇلۇشىغا 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ يېتىم-يېسىر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلار ۋە نامرات مېيىپلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە قوشۇمچە جابدۇقلارنى سەپلەش ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە- شەھەرلەردە بالىلار پاراۋانلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قوغداش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشنى قوللايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەن يوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇ يىل 15 مىليون يۈەن شۇ دەرىجىلىك لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1400 يېتىم-يېسىر ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ياردەمچى سايمانلارنى سەپلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، «كېلەچەك پىلانى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 4 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، 400 چە مېيىپ بالىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن؛ «نامرات ئائىلىلەردىكى پەتەك بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى» نى يولغا قويۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 300 نامرات ئائىلىدىكى چۇقۇققا گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىكەن؛ «يورۇقلۇق قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، 400 نامرات ئائىلىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنى ھەقسىز داۋالايدىكەن؛ «سالامەتلىك قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 300 نامرات مېيىپ ئۈچۈن ھەقسىز سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياردەمچى سايمانلىرىنى سەپلەيدىكەن.

  يېتىم-يېسىر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلار ۋە نامرات مېيىپلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ۋە ياردەمچى سايمانلارنى سەپلەپ بېرىشتىن باشقا، بۇ يىل خەلق ئىشلىرى نازارىتى يەنە ئاپتونوم رايون مالىيەسىنى ماسلاشتۇرۇپ 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيەلەردىكى بالىلار پاراۋانلىقى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەز خام چوتى ئىچىدىكى 20 مىليون يۈەندىن پايدىلىنىپ، بالىلار پاراۋانلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قوغداش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر