باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش ئوقۇش تەۋەلىكىنى يالغان رويخەتكە ئالدۇرۇش مەسىلىلىرىنى جىددىي تەكشۈردى

2016.03.31 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2016 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ۋە ياردەم پۇلى بېرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، مالىيە قوشۇمچە ياردەم مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ياكى قىسىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي مەنئى قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، توردا تەكشۈرۈش بىلەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتتىكى ساختا ساننى ئېنىقلاپ، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بولۇپمۇ ئوقۇش تەۋەلىكىدە مەسىلە بار، قوش ئوقۇش تەۋەلىكى بار، «تەۋەلىكى مەكتەپتە لېكىن ئۆزى مەكتەپتە ئەمەس»لەر، چوڭ ياشتىكى ئادەملەر توپىدىكى ساختا ئۇچۇرى بار ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئېلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش جەھەتتىكى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئامال بار ياردەم بېرىش كېرەك. مالىيە قوشۇمچە ياردەم مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ياكى ئىگىلىۋېلىش، قىسىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر