باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى 2943 خادىم قولغا چۈشتى

2016.03.31 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-مارت، دۆلەت ج خ مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا، مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان بىر ئايدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى نەتىجىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، پاش قىلىنغان ئۈچ تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى.

  چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنىڭ ئىشلەش ئۈچۈن قانۇنسىز چېگرادىن كىرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىن قۇرۇقلۇق، دېڭىز يولى بىلەن ئوغرىلىقچە شياڭگاڭغا ئۆتۈشى گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى.

  ج خ مىنىستىرلىقى بۇ يىل 20-فېۋرالدىن 2017-يىلى 20-ئىيۇلغىچە گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچى ئەترىتى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ شياڭگاڭ ساقچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان بىر ئايدىن بۇيان گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملاردىن جەمئىي 2943 كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەۋەلىكىدىن 2860 كىشى، جەنۇبىي ئاسىيا تەۋەلىكىدىن 83 كىشى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكىلەر تەشكىللەپ يۆتكىگەن 142 كىشى بار. شياڭگاڭ ساقچىلىرى قولغا چۈشۈرگەن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى 94 كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر