- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە ساقچىلىرى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلدى
2016.04.01 09:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى مولىن 30-مارت كەچتە مۇنداق دېدى: ساقچىلار 24-مارت پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارى كېررىي كاتېنى قولغا ئېلىپ، بىر قېتىملىق تېررورلۇق سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدى. مولىن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ساقچىلار كېررىي كاتېنىڭ پارىژ شەھەر سىرتىدىكى ئۆيىدىن زور مىقداردىكى ئوق دورا ياسايدىغان ماتېرىياللار ۋە قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى ھەمدە يەنە بىر قانچە يالغان پاسپورت ۋە يەتتە يانفوننى قولغا چۈشۈردى. مولىن مۇنداق دېدى: كېررىي كاتې بىر ئەسەبىي تەشكىلاتقا تەۋە بولۇپ، شېرىكى فىرانسىيەلىك ئانىس بىلەن فىرانسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى بولغان دەپ گۇمان قىلىندى. مولىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئانىس 27-مارت گوللاندىيەدە قولغا ئېلىندى، ساقچىلار ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان جايىدىن نۇرغۇن ئوق دورىلارنى تاپتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر