باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى

2016.03.31 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30-مارت گۇۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بىر تۈركۈم دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىش، شاڭخەينىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش؛ «چېڭدۇ-چۇڭچىڭ شەھەر توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى ماقۇللاپ، غەربىي رايوننى يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئەسى قاتناش قانۇنى (دەسلەپكى لايىھەسى)»نى پىرىنسىپال ماقۇللاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، بولۇپمۇ تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ ۋە ئالدىن سىناق قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىلار ۋە تەرەققىياتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: بار بولغان 11 دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئاساسىدا، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ-لوياڭ-شىنشياڭ، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ-داليەندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا جانلىق، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، تەرەققىي قىلغان يەنىمۇ كۆپ يېڭى «ئاۋانگارت»لارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا يەنە مۇنداق قارار قىلىندى: يېڭى ئەندىزە قوللىنىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە شاڭخەيدە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش تەجرىبىسىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج تۈزۈمى، مەبلەغ سېلىش قەرز پۇلىنى بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، پاي ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سودا بازىرى، يېڭىچە كەسىپ-تېخنىكىلارنى ئېچىش تەشكىلاتى، چەت ئەل مەبلىغى ئارقىلىق ئىگىلىك تىلەش، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇش ۋە ئالدىن سىناش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق ۋە ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكىلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق «گالنى سىقىدىغان» مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىلىرىدىن داۋاملىق مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا چوڭ قەدەم تاشلاشقا كۈچەپ، بۇلۇپمۇ پاي ھوقۇقىنى قوزغىتىش، پايدىنى تەقسىلمەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىراجىتىدىن پايدىلىنىش، نەتىجىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردا ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى پارچىلىنىشنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، قارىمىقىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىغا يەنىمۇ چوڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىپ، يەرلىك بىلەن بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچەپ يېتەكلەپ، «ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارتىىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە تېز ئۆزگۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ «مەنپەئەتلەندۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭىشىش تۈزۈمى، «قائىدىلەرنى بىرلەشتۈرۈش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر