- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى
2016.04.01 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 31-مارت تۈركىيەدە ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، يەتتە ساقچى قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئاز دېگەندە 23 ئادەم يارىلانغان. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدىكى شەھەر دىيرباكىردە يۈز بەرگەن.
تۈركىيە تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترىتى ساقچىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق يولۇچىلار بېكىتىدىن ئۆتكەندە، پارتلاش يۈز بەرگەن ئىكەن. ھازىرچە ھېچكىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر