شى جىنپىڭ 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەقلىد مەنزىرىسگە ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 4- نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەقلىد مەنزىرىسىگە ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما رىياسەتچىلىك قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ ئالدى بىلەن يادرو تېررورلۇق كىرىزىسى تەقلىد قىلىنغان ۋېدىيونى كۆرسەتتى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقا ئارقىدىن سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باياتىن كۆرگەن تەقلىد يادرو تېررورلۇق كىرىزىسى مەنزىرىسى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ. مەن، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يادرو تېررورلۇقىغا زەربە بېرىش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. 1-: باش مەنبىيىدىن قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، يۆتكەش، ساقلاش قاتارلىق بارلىق جەريانلارغا كېڭەيتىش كېرەك. 2-: تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى يېڭىلاپ، توردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، تاراتقۇ قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا قەتئىي زەربە بېرىش، ئۇندىن باشقا يەنە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. 3-: جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن باسقۇچلۇق تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ھالقىغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. 4-: قانۇن قايئىدە بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو ماتېرىياللىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە قانۇن تۇرغۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى خەتەرگە قارتا ئالاقىدار قانۇن بوشلۇقىنى تولۇقلاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېررورلۇق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ھەر قايسى دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، خەلقئارا، رايون ۋە دۆلەت قاتلىمىدىكى ھەرىكەتلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورچى كۈچلەرنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن قول ئۈزۈش كېرەك. سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ۋاسىتىلارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئىشنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورلۇق پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىش كېرەك.
باشلىقلار يىغىنىدا سىياسىي خاراكتېرلىك ئاخبارات ئېلان قىلىندى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى، يادرو تېررورلۇقىغا زەربە بېرىش يەر شارى تەشەببۇسىنى، يادرو قوراللىرىنى كېڭىيشىدىن مۇداپىئەلىنىش يەر شارى شېرىكلىك پىلانى يادرو بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ بەش تۈرلۈك ھەرىكەت پىلانىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.