باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندىكى بىر قىزچاق ئۇدا 20 نەچچە كۈن قىزىپ قالدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر جىددىي داۋالىدى

2016.04.05 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇر دۇ شياۋفېي، ليو ياخۇ مۇيەسسەر ئەلىنىڭ بادامبەز ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاپرېل، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى كېسەلخانىسىدا، بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر 16 ياشلىق قىزچاق مۇيەسسەر ئەلىنىڭ كېسىلىنى كۆردى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، مۇيەسسەر ئەلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇدا 20 كۈن قىزىپ قالغان ھەم پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ، لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسىمۇ ياخشىلانمىغان. ساھەلەر بويىچە بېيجىڭدىن خوتەنگە ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال مۇيەسسەر ئەلىنى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىگەن. بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ قىزچاقنىڭ كېسىلىنى جىددىي كۆرگەن ھەم مۇناسىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر