باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆپ تەرەپلىك خەلقئارالىق يول تىرانسپورت كەسپى ئېچىلدى

2016.04.05 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىق ماددىي بۇيۇملار قاچىلانغان رۇسىيە تىرانسپورت ئاپتوموبىلى يېقىندا قازاقىستان ئارقىلىق، شىنجاڭ باقتۇ چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى. بۇ، بۇ يىل 2 - ئايدا شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم 1000 پارچە «جۇڭگو-رۇسىيە يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىندىن ئۆتۈپ چېگرادىن مال ئۆتكۈزۈش ۋاقىتلىق ئىجازەتنامە»سىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى رۇسىيە تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا يېتىپ كېلىشى.

  ئەينى چاغدىكى ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرغان يول تىرانسپورتى يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئاپتوموبىللىرى قازاقىستاندىن ئۆتۈپ بىۋاسىتە قارشى تەرەپ دۆلەت بەلگىلىگەن رايونغا بارسا بولىدىكەن. بۇ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلغان كۆپ تەرەپلىك خەلقئارالىق يول تىرانسپورت كەسپى ھېسابلىنىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدا چېگرادىن ئۆتۈش ئېغىزى يوق ئىدى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى خەلقئارالىق يول تىرانسپورتىدا قازاقىستاندىن ئۆتۈش توغرا كېلەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ رۇسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيەگىچە بارىدىغان خەلقئارالىق يول تىرانسپورتىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلىشى ئىككى تەرەپنىڭ سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر