- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
2016.04.01 17:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار قۇرۇلتىيى 30-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، پاكىتقا سادىق بولۇپ، سەمىمىي لەۋزىدە تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، دەۋاگەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى، سوتسىيالىستىك ھەققانىيلىققا كاپالەتلىك قىلغۇچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغۇچى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلغۇچى، ئىشىكنى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەجىرىگە تايىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر