باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق داۋالاش تەرتىپىنى تېخىمۇ قوغداش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى

2016.04.01 17:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق داۋالاش تەرتىپىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بىرلىكتە چىقىرىپ، داۋالاش ماجىرالىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى بېكىتىشتىن بۇرۇن تۆلەم بەرمەسلىك، جېدەلنى توختىتىشتىن بۇرۇن مۇرەسسە قىلماسلىق، ئۆلۈشكە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەنى 12 سائەت ئىچىدە دۆلەتكە مەلۇم قىلىش قاتارلىق كونكرېت تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ رايون، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار، مەھەللە شىپاخانىلىرى ھەم يېزا-بازار شىپاخانىلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئورگانلىرى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلار ۋە نۇقتىلىق بۆلۈم، ئىشخانىلارنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. داۋالاش ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن روھىي ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئەتراپلىق ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ قېتىم دوختۇرخانىغا كېلىپ يولسىز ئېسىلىۋالغان ياكى تېببىي خادىملاردىن ئۆچ ئالىمىز دەپ داۋراڭ سالغان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەققىدە تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر