خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ 31 - مارتتىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر كالكۇتتادىكى بىر سېلىنىۋاتقان ئۆتۈشمە كۆۋرۈك شۇ كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاز دېگەندىمۇ 14 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان، يەنە 100 دىن ئارتۇق ئادەم خارابىلىك ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان.
شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك كالكۇتتا شەھىرىنىڭ ئاۋات جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە غايەت زور ئاۋاز ۋە كۆپ مىقداردا چاڭ – توزان چىققان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى