- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەمەن زۇڭتۇڭى زۇڭلى باھانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
2016.04.05 14:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى 3-ئاپرېل زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىنى جاكارلاپ، ھازىرقى زۇڭلى باھانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى زۇڭتۇڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى، گېنېرال ئالى مۇخسىن ئەخمەرنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلىدى.
زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى ئەخمەد ئوبەيىن بېن دۇگگار باھانىڭ ئورنىغا يەمەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بولىدىكەن.
بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ئەخمەر 2014-يىلى قۇسەي قوراللىقلىرى پايتەخت سائانانى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ يىل 22- فېۋرال، ھادى ئەخمەرنى قوراللىق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باھانىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر