باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توغاچ چېچىكى بەزمىسى قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى

2016.04.05 13:52   مەنبە: خەلق تورى

توغاچ چېچىكى بەزمىسى قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى، ئۆتكۈر نىجات فوتوسى): باھار كېلىشى بىلەن قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى ئۆزگىچە جانلاندى. قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى، ھېيتىگاھ مەيدانى، كوزىچىياربېشى، قول ھۈنەرۋەنلەر كوچىسى قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمىي پاسوندا سېلىنغان ئۆيلەر بىلەن يول بويىدىكى نازۇ-نىممەتلەر جاي-جايلاردىن كەلگەن ساھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە، شەھەر ئەتراپى يېزىلىرىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر بەس-بەستە چېچەكلەپ، ئېتىزلاردىكى مايسىلار رەڭگارەڭ چېچەكلەرگە رەڭ بېرىپ، مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە ھوزۇرلاندۇردى. چوكانتال بايرىمىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما توغاچ ماكانى ئاۋات يېزىسىدا 3-قېتىملىق توغاچ چېچىكى بەزمىسىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ بايرام 3-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمىدا مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق چولپانلاردىن «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل» پىروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى گۈلمىھرە مۇھەممەت، ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇكىرىم ئابلىز، داڭلىق ئۇسسۇلچى ئامانگۈل سىدىق، مەملىكىتىمىزدە شۆھرەت قازانغان ئارافات ئارسىلان، ئابلاجان ئاۋۇت، تونۇلۇۋاتقان ياش سېرىكچى ئەنۋەر ئازات ۋە يەرلىك سەنئەتكارلار ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ماھارەت ئورۇنلاپ، چېچەك بەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆككە كۆتۈردى. چېچەكلىكتە كىشىلەر تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، 100 كىشىلىك ساما، قەشقەر شەھىرىدىكى ئون مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى مۇكاپاتلاش، 20 جۈپ ياشنىڭ چېچەكلىكتىكى توي مۇراسىمى، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش، دېھقان ئاياللارنىڭ مودېل مۇسابىقىسى، كۆك چۆچۈرىسى تۈگۈش مۇسابىقىسى، ئەڭ گۈزەل ئائىلە، ئەڭ ياخشى كېلىننى باھالاش مۇسابىقىسى، 100 يىللىق چىلانزارلىقنى مەپىلىك سەيلە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، بىر تەرەپتىن چېچەك تاماشاسى قىلغاچ قولى گۈل قەشقەر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دېھقانلار ئەتكەن يەرلىك تاماقلارغا ئېغىز تېگىپ، تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

  ئاتاقلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇنداق دېدى: بۇ بەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ بايرام مەزگىلىدە قەشقەرگە كەلگەن مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر شەھەر ئىچىدىكى قەدىمىي جايلارنىلا كۆرۈپ قالماي، قەشقەر يېزىلىرىنىڭ باھار پەسلىدىكى گۈزەللىكىدىنمۇ زۇقلىنايدۇ، بۇ ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۈچ قىزىل، بىر سېرىق (چىلان، توغاچ، ئانار ۋە ئۆرۈك) مېۋىلىرىلا دېھقانلارغا نەپ بېرىپ قالماستىن، توغاچ چېچىكى بەزمىسىمۇ دېھقان باغۋەنلەرگە ھەقىقىي نەپ بېرىپ، ئۇلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىيەلەيدۇ.

  ئاۋات يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى مۇھەممەتئېلى جۈمە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يېزا شىنجاڭ بويىچە يەرلىك توغاچ ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي. يېزىمىزدا 5000 مو توغاچلىق بار. بىز دېھقانلارنى ھاللىق تۇرمۇشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە، توغاچ چېچىكىنىڭ باشقا مېۋىلىك دەرەخلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق ئېچىلىدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن چېچەك بەزمىسى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى. بۇنىڭ ئۈنۈمى يىلدىن – يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى بەزمىدە ئورۇنلاشتۇرغان ئالدىن توغاچ سېتىش پائالىيىتى ساياھەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈردۇق. چېچەك بەزمىسى ئارقىلىق دېھقان ئاياللىرىنىڭمۇ ئىدىيەسى ئۆزگىرىپ، ئىككى قولى ۋە ئەقلىگە تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلىسىلا، ئۆز قىممىتىنى تاپالايدىغانلىقىنى ھەم ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.

  ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىن ئوبۇلقاسىم سايىم مۇنداق دېدى: بىز دېھقانچىلىققىلا تايىناتتۇق. ھازىر دېھقانلار بەزمىدە ئۆزىنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، تۈجۈپىلەپ ئەتكەن تائاملىرىدىنمۇ خېلى ئوبدان كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئەڭ مۇھىمى بەزمە قىلىۋاتقان نەچچە يىلدىن بۇيان، توغاچلىرىمىزنىڭ داڭقى چىقىپ، ئۇزاق ساقلاش ئىمكانىيىتى يوق توغاچلار پىشىپ بولغۇچە خېرىدار چىقىدىغان بولدى. بۇ يىل چېچەكتىنلا 7-ئايدا پىشىدىغان توغاچنىڭ پۇلىنى تاپتۇق. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر توغاچ پىششىقىدا باغ سەيلىسىگە چىققىلى ئالدىن تىزىملاتتى. مانا مۇشۇنداق دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ھەم يۇرتىمىزنىڭ داڭقىنى يىراق-يىقىنغا تارىتىدىغان بايراملارنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوب…
      ·تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش ئوقۇش تەۋەلىكىنى يال…
      ·بېيجىڭدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …