باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 4-نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتناشتى

2016.04.05 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ 31-مارت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاقسارايدا 4-نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتناشتى.

  زىياپەت باشلانغاندىن كېيىن، ئوباما ئاۋۋال قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنى باشلانغان ئالتە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى. ئوباما تەكىتلەپ: ھازىر، يادرو خەۋپسىزلىكى ساھەسى يېڭى تەھدىتلەرگە يۈزلەنمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يادرو ماتېرىياللىرىنى يەنىمۇ ياخشى تىزگىنلەپ، يادرو خەۋپسىزلىكىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېدى.

  شى جىنپىڭ: ئالتە يىل ئىلگىرى باشلانغان يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنى مۇساپىسى خەلقئارا يادرو خەۋپسىزلىكى ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى، يادرو خەۋپسىزلىكى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى ۋە ھەمكارلىق مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارنى كۈچەيتتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، دېدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا يادرو خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە، ئاۋۋال ھازىرقى يادرو خەۋپسىزلىكى ۋەزىيتىنىڭ ئىككى جەھەتتىكى يېڭى ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر جەھەتتىن، خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتى يېڭى نۆۋەتلىك جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى يادرو تېررورلۇق تەھدىتىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ تارقىلىش خەۋپى ئاشماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن، يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنى مۇساپىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلقئارا يادرو خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە لىنىيەسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، يادرو خەۋپسىزلىكى ئورتاق تونۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا مۇجەسسەملەندى، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى روشەن كۈچەيدى، يادرو خەۋپسىزلىكى قانۇنى ۋە مىخانىزمى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشتى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، يادرو خەۋپسىزلىكى مەدەنىيىتى تەدرىجىي ئومۇملاشتى. بۇ تىرىشچانلىقلار يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان ساھەلەرنىڭ بەكرەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا تۆھپە قوشتى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر