باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

پۇل خەجلىسىلا «يادرولۇق ژۇرنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغىلى بولامدۇ؟

تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئالدامچىلىق شايكىسى ئالىي زىيالىيلارنى ئالدىۋەتتى

2016.04.06 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى شاڭيۈ رايونلۇق ساقچى تەرەپ يېقىندا بىر خەۋەرلىشىش (تور) ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلىپ، «يادرولۇق ژۇرنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش» باھانىسى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىدىغان جىنايەت شايكىسىنى بىتچىد قىلدى. ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە جىنايەت گۇماندارلىرى ئاز دېگەندە 30 نەچچە باكالاۋرلۇق، ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە زىيالىيلارنى ئالدىغان.

  بۇ يىل 2-ئايدا، شاڭيۈ ساقچى تەرەپ شۇ جايدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ تەتقىقات خادىمى لى ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، لى ئەپەندى ئۆزىنىڭ توردا ئالدانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يادرولۇق ژۇرنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن، توردىن ۋاكالەتچى تاپقانلىقىنى، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ 6000 يۈەن زاكالەت پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن قايتا جاۋاب بەرمەي، تېلېفون قىلسا داۋاملىق كەينىگە سۈرۈۋەرگەنلىكىنى، كېيىن ھەتتا تېلېفۇنمۇ ئالمىغانلىقىنى ئېيقان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئىلمىي ماقالىنى ۋاكالىتەن يازدۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلان قىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئىلىمگە ساختىلىق قىلىش ياكى ئىلىم ساھەسىدىكى ناچار ئىش بولغانلىقتىن، ئالاقىدار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نامىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ شىركەت تەرىپىدىن ئالدانغاندىن كېيىن، ھەممىسى دېگۈدەك ساقچىغا مەلۇم قىلماسلىقنى تاللىغان. مۇناسىۋەتلىك زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلغاندىن كېيىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، قارشى تەرەپ « خىزمەت ئورنۇڭنى بىلىمەن»، «ئالدىراتساڭ پاش قىلىمەن» دېگەندەك تەھدىت سېلىپ، ئاخىرى ئىشنى تىنچ بېسىقتۇرغان. ھالبۇكى، ساقچى تەرەپ جىنايەت شايكىسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كەسكىنلىك بىلەن «بۇنداق ئىش يوق» دەپ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى رەت قىلغان.

  نۆۋەتتە، بۇ ئالدامچىلىق شايكىسىنىڭ بەش ئەزاسى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق بولغانلىقتىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر