باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ناكا رايونىدىكى توقۇنۇش قايتا باش كۆتۈردى

روسىيە ئەرمىنىيە-ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەتنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلدى

2016.04.05 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە چېگراسىدىكى ناگېرنو __ قاراباخ (ناكا) رايونىدا 1-ئاپرېل كەچتىن 2-ئاپرېلغىچە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەردى، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قارشى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى، دەپ ئەيىپلىدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ تېزدىن ئارىلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمىنىيە ئارمىيەسى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىناميوت ۋە چوڭ كالبېرلىق پىلىموت ئارقىلىق ئەزەربەيجان چېگراسى ئىچىگە ئوت ئاچتى، ئەزەربەيجان تەرەپ قوراللىق قىسىملىرى دەرھال قارشى تەدبىر قوللاندى، دېدى.

  باياناتتا، « ئەزەربەيجانلىق 12 ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا قازا قىلدى، يەنە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەرمىنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتتى»، دېيىلدى.

  ئەزەربەيجان ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەرمىنىيە-ئەزەربەيجان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى بىر كەنتتە بىر كىشى قازا قىلىپ، بىر كىشى ئېغىر يارىلانغانلىقى ئېنىقلانغان. ناكا رايونىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، تەخمىنەن ئون ئىككى ياشلىق بىر بالا ئەسكەر قازا قىلغان، يەنە ئىككى بالا يارىلانغان. ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق توقۇنۇش 1994-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ دەھشەتلىك بىر قېتىملىق توقۇنۇش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر