باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جازا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا بويىچە 4-چوڭ نېفىت دۆلىتى ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتى بىر ھەسسە ئاشتى

2016.04.05 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرى 3-مارت مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم 16–يانۋار رەسمىي ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى بىر قاتلىنىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون تۇڭدىن ئاشتى. ئىران شانە ئاگېنتلىقىنىڭ نېفىت مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان، ئىراننىڭ خام نېفىت ۋە ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىققان ماينىڭ كۈندىلىك ئېكسپورت مىقدارى 250 مىڭ تۇڭ ئاشقان.

  نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىراننىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتى ئۇزاق مۇددەت غەربنىڭ جازاسى تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىراننىڭ ئالاقىدار ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن، خەلقئارادا ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسى 2014 ـ يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ، ھەر بىر تۇڭ نېفىت 40 ئامېرىكا دوللىرىدىنمۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ قالدى. خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇندىن بۇرۇن، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىشنى ئويلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر