- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇساپىرلار تۈركىيەگە يېتىپ باردى
2016.04.06 08:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئايدا ھاسىل قىلغان مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە، تۇنجى تۈركۈمدە گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن مۇساپىرلار شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى دىكىلى شەھىرىگە يېتىپ باردى. ئىككى كېمە تۈركىيە دېڭىز ساقچىلىرى كېمىسىنىڭ مۇھاپىزىتىدە دىكىلى پورتىغا توختىدى، ھەر بىر مۇساپىر بىر ساقچىنىڭ مۇھاپىزىتىدە قىرغاققا چىقتى. دىكىلى شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇستاپا تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى پاراخوتقا 130 نەچچە كىشى چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا، 66 مۇساپىر چىققان يەنە بىر كېمە يولدا كېلىۋاتىدۇ. بۇ مۇساپىرلار غەربىي شىمالدىكى قىرىقلارئەلى ئۆلكىسىدىكى ۋاقىتلىق مۇساپىرلار مەركىزىگە بارىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر