باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2016.04.07 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل ئېلان قىلغان «سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىنى مەملىكەتلىك ماگىستىر-ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانىنىڭ نومۇر چېكىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  2002-يىلى، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئىشخانىسى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى (EMBA) كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىشىنى تەستىقلىدى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ باشقۇرۇش-تەربىيەلەش تەرەققىياتىدىكى يېڭى بىر تەجرىبە. ھازىر 64 ئالىي مەكتەپ EMBA غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا سوئالنى ئۆز ئالدىغا چىقىرىپ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوقۇغۇچىلارنى ھاۋالە بىلەن ۋاسىتىلىق قوبۇل قىلىش ياكى ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى جەلب قىلىش ۋە ئىمتىھاندىن بۇرۇن يېتەكلەش كۇرسى ئېچىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ تەكرار ئىمتىھان بېرىش-باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك باھالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى، بولۇپمۇ سىياسىي ساپاسىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتىن باھالاشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەرقايسى تەربىيەلىگۈچى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئاسوپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىمەيدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر