باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نېفىت سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

2016.04.07 14:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم يۈرۈشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، نېفىت سانائىتىنىڭ ھەر قايسى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنى 2015 – يىلىدىكى ئەمەلىي تاماملىغان ئاساس بويىچە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  بۇ يىل پۈتۈن سىستېما بويىچە تاماملىنىدىغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 120 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 30 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 31مىليارد 360 مىليون كۇب مېتىرغا، نېفىت پىششىقلاش مىقدارى 27 مىليون 20 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنى ئۆز جايىدا رويخەتكە ئېلىش، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى، يەرلىك بىلەن شېرىكلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، يەرلىكنىڭ نېفىت، تەبىئىي گازنى چارلاش ھەم ئېچىش، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتىگە دائىر <13 – بەش يىللىق> يىرىك پىلانى››، ‹‹خىمىيە سانائىتى ئېكسپورت كەسىپلىرى توپلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى››، ‹‹ئىمپورت قىلىنغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى پىششىقلاش كەسىپلىرى توپلانغان رايونلارنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى›› شۇنىڭدەك ‹‹نېفىت خىمىيە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلىرىنىڭ <13 – بەش يىللىق>يىرىك پىلانى›› قاتارلىق تۆت يىرىك پىلاننى باھالاش، تۈزۈشنى تاماملاپ، ‹‹نېفىت خىمىيە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش پىكرى››گە ئائىت يانداش ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل نېفىت خىمىيە ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نېفىت خىمىيە ئىنچىكە پىششىقلاش سانائىتى كەسىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، يېڭى مەھسۇلات ئەۋزەللىكى يارىتىدۇ. CVP مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سىمولا، CVP تۇرۇبا ماتېرىيالى ۋە قېلىپلاشقان ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار ئېھتىياجى كۆپ بولغان ئورگانىك خىلور، پولىۋىنىل خىلورىدقا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سىمولا قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، خىلور ئىشقارى كەسپىنىڭ سىمابسىزلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نېفىت خىمىيە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپلىرى نېفىت خىمىيە كەسىپلىرىنىڭ ئاساسىدىن پايدىلىنىپ، سىنتېتىك سىمولا، پولىئېستېر قاتارلىق ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساسىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر تۈركۈم سىنتېتىك سىمولا، سىنتېتىك كاۋچۇك ۋە ئورگانىك ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالار ئىستېمالى ۋە سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تېرمىنال پىلاستىر، كاۋچۇك پىششىقلاش مەھسۇلاتلىرى، تەبىئىي گازنى ماتېرىيال قىلغان ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان خىمىيە بۇيۇملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر